Lokasi ngalangkungan proxy:   
[Ngawartoskeun bug]   [Panyetelan cookie]                

WordPress بىلەن تونۇشۇش

دۇنيا مىقياسىدىكى مىليونلىغان ئىجادكار ۋە كىچىك كارخانىدىن تارتىپ چوڭ شىركەتكىچە بولغان تور بېكەتلەر تاللىغان ئوچۇق مەنبەلىك تارقىتىش سۇپىسى.

لايىھە

ئەپچىل لايىھەلەش قورالى ۋە كۈچلۈك بۆلەك ئىشلىتىپ ھەر قانداق تور بېكەتنى قۇرىدۇ. ئاق رەختتىن باشلاپ ياكى ئۆرنەك تاللاپ، ھەر بىر تەپسىلاتنى خاسلاشتۇرغىلى بولىدۇ، كود يېزىش بىھاجەت.

قۇرۇش

مەزمۇن قوشۇش، تەھرىرلەش ۋە قايتىدىن رەتلەشتىمۇ تور بېكەتنىڭ كۆرۈنۈشىنى شۇئان كۆرگىلى بولىدۇ ھەمدە بىۋاسىتە تەھرىرلەش ۋە توپلاشتۇرۇلغان ئىقتىدار ئارقىلىق ھەممىنى باشقۇرغىلى بولىدۇ.

بۆلەك تەھرىرلىگۈچنى سىناپ كۆرۈڭ

كېڭەيتىش

تور بېكىتىڭىز سىز قىلماقچى بولغان ھەر قانداق ئىشنى قىلالايدۇ. دۇكان، تەھلىل، خەۋەر، ئىجتىمائىي تاراتقۇ توپلاشتۇرۇش؛ سىز ئامباردىكى كۆپلىگەن قىستۇرمادىن پايدىلىنىپ تىزگىنلىيەلەيسىز.

See what's new

WordPress 6.9 ئارقىلىق خىزمەتتە تېخىمۇ قويۇق ھەمكارلىشىپ، تېز سۈرئەتتە ئىجاد قىلىپ ۋە تېخىمۇ كۈچلۈك تىزگىنلەش ھوقۇقىغا ئېرىشەلەيسىز. بىۋاسىتە بۆلەك ئۈستىدە ئىزاھات قالدۇرالايسىز، سۆرەپ تاشلاش ئارقىلىق ئاسان مەشغۇلات قىلالايسىز ھەمدە باشقۇرۇش بېتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قانداق جايدا بۇيرۇق تاختىسىنى ئىشلىتىپ، خىزمەت رېتىمىڭىزنى ئىزچىل ساقلىيالايسىز. بوشلۇققا ماسلىشىدىغان ئېلاستىكىلىق تېكىستلەردىن تارتىپ Accordion، MathML ۋە ئوقۇش ۋاقتى قاتارلىق يېڭى بۆلەكلەرگىچە، ھەر بىر ئىنچىكە نۇقتىلار ھەمكارلىق ۋە ئىجادىيەتنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن.

A black and white photograph of excited, applauding attendees in the audience at a WordPress event.